Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 37:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 بىز ھەممەيلەن ئېتىزدا بۇغداي باغلاۋاتقۇدەكمىز. مېنىڭ باغلىغان بۇغداي بېغىم تىك تۇرغۇدەك، سىلەرنىڭ باغلىغان بۇغداي باغلىرىڭلار مېنىڭ بۇغداي بېغىمنىڭ ئەتراپىدا بېشىنى ئېگىپ، تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 37:7
12 Referans Kwoze  

يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بارغىنىدا، يۈسۈپ تېخى ئۆيىدە ئىدى. ئۇلار يۈسۈپنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلىدى.


يۈسۈپ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بولغاچقا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەنلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە مەسئۇل ئىدى. شۇڭا يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.


يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە، ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلىپ، سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى.


ئۇ ئاكىلىرى توغرىسىدا كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا: _ سىلەر ئايغاقچى، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دېدى.


ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن.


شۇڭا، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇدات ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ،


ئۆزلىرى بىزدىن: «سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ياكى باشقا قېرىنداشلىرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىغانىدىلە،


باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي، خەلقلەر ساڭا تەزىم قىلغاي. قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن. ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي. ساڭا لەنەت ئوقۇغانلار لەنەتكە قالغاي، ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەختلىك بولغاي.»


ئۇ: _ قۇلاق سېلىڭلار! كۆرگەن چۈشۈمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي.


ئۇلار جاۋابەن: _ بىز كەمىنىلىرىنىڭ ئاتىسى ھايات ۋە ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، _ دەپ، باشلىرىنى قايتا يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلدى.


يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئى جانابلىرى، ئۆزلىرىگە ئەھۋالنى ئوچۇق بايان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۆزلىرى پىرئەۋن بىلەن باراۋەر ئادەم، كەمىنىلىرىگە رەھىم قىلغايلا!


ئاندىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ بىز سېنىڭ قۇلۇڭ بولايلى!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite