6 ئۇ: _ قۇلاق سېلىڭلار! كۆرگەن چۈشۈمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي.
يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئى جانابلىرى، ئۆزلىرىگە ئەھۋالنى ئوچۇق بايان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۆزلىرى پىرئەۋن بىلەن باراۋەر ئادەم، كەمىنىلىرىگە رەھىم قىلغايلا!
بۇ خەۋەر يوتەمگە يەتكەندە، ئۇ گىرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ: _ گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى! ئەگەر سىلەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلايدۇ.
بىر كۈنى يۈسۈپ چۈش كۆردى ۋە چۈشىنى ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەردى. ئاكىلىرى ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى.
بىز ھەممەيلەن ئېتىزدا بۇغداي باغلاۋاتقۇدەكمىز. مېنىڭ باغلىغان بۇغداي بېغىم تىك تۇرغۇدەك، سىلەرنىڭ باغلىغان بۇغداي باغلىرىڭلار مېنىڭ بۇغداي بېغىمنىڭ ئەتراپىدا بېشىنى ئېگىپ، تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى.
ئۇ ئاكىلىرى توغرىسىدا كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا: _ سىلەر ئايغاقچى، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دېدى.