16 _ ئاكىلىرىمنى ئىزدەيمەن. ئۇلارنىڭ قەيەردە قوي بېقىۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ _ دېدى ئۇ.
ئىنسانئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازغان ئادەملەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئەي سۆيۈملۈكۈم، ئېيتقىنە ماڭا، قويلىرىڭنى ئوتلىتىسەن قەيەردە؟ قەيەردە دەم ئالدۇرىسەن چىڭقى چۈش مەزگىلىدە؟ ئېيتمىساڭ، ئىزدەيمەن سېنى ئۇياتسىز ئاياللاردەك چۈمپەردە تارتىپ يۈزۈمگە. دوستلىرىڭنىڭ پادىلىرى ئوتلىغان يەرلەردە.
دالادا ئاكىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەندە، بىر كىشى ئۇنىڭغا ئۇچراپ: _ كىمنى ئىزدەيسەن؟ _ دەپ سورىدى.
ئۇ كىشى: _ ئۇلار كېتىپ قالدى. ئۇلارنىڭ دوتانغا بارماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى.