Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 37:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەسەت قىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن ئاتىسى ئوغلى يۈسۈپنىڭ دېگەنلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 37:11
20 Referans Kwoze  

كېيىن، ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئىنىسى يۈسۈپتىن ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا بارىدىغان سودىگەرلەرگە قۇل ئورۇندا سېتىۋەتتى. لېكىن، خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاچقا،


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى.


مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە ساقلاپ، چوڭقۇر ئويلىدى.


كۆرگەنلىرىم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. قورققىنىمدىن چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ ئىشلارنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىپ قالدىم.


مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە سالغان مۇقەددەس روھ بىزنىڭ خۇداغا ساداقەتمەن بولۇشىمىزنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ» دېيىلگەن. سىلەرچە، بۇ قۇرۇق سۆزمۇ؟


چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.


ھەسەتخورلۇق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت قاتارلىق گۇناھلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇنقىدەك يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق.


بىراق، بۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۆرگەن بىر قىسىم يەھۇدىيلار ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى.


پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.


پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.


ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.


ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەگە ھەسەتخورلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ، يەھۇدالارغا زىيانكەشلىك قىلىشمۇ توختىتىلىدۇ، ئىسرائىللار يەھۇدالارغا قىزغانچۇقلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ، يەھۇدالار مۇ ئىسرائىللارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىدۇ،


مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.


چېدىرلىرىدا ئۇلار ھەسەت قىلدى ھەزرىتى مۇساغا، ۋە خۇدا تاللىغان مۇقەددەس روھانىي ھارۇنغا.


ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار بەختلىك قىلغان ئادەم نېمىشقا تاشقىرىدا تۇرىسىز؟ مەن بىلەن يۈرۈڭ، ئۆيگە بارايلى! مەن سىزگە ئۆي، تۆگىلەرگىمۇ جاي تەييارلاپ قويدۇم، _ دېدى.


بىر كۈنى يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى شەكەمدىكى يايلاققا ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى باردى.


ئۇ ئاكىلىرى توغرىسىدا كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا: _ سىلەر ئايغاقچى، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دېدى.


سائۇل بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى، چۈنكى بۇ قوشاق ئۇنىڭغا ياقمىغانىدى. شۇڭا ئۇ: _ ئۇلار تۈمەننى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى داۋۇتقا، مىڭنى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى ماڭا بەرگەن بولسا، ئەمدى ئۇنىڭغا بېرىلمىگىنى شۇ بىر پادىشاھلىقلا قاپتۇ-دە، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite