Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 36:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 36:8
21 Referans Kwoze  

ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ،


ئەمما ئەساۋنى رەت قىلدىم. ئەساۋغا تەقسىم قىلىنغان تاغلارنى دەشت-باياۋانغا ئايلاندۇرۇپ، چىلبۆرىلەرگە تاشلاپ بەردىم».


ئەسلىدە ئاممون ۋە موئابلار سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەنلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىن كېيىن، ئاممون ۋە موئابلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقانىدى.


سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭدا، ئۇلارنىڭ ئاممونلار، موئابلار ۋە سەئىر تاغلىرىدا ياشايدىغان مىئۇنلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدىڭ. شۇڭا ئۇلار بۇ خەلقلەرنى يوقىتالمىدى، پەقەت زېمىنلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتتى.


شىمون ئەۋلادلىرىدىن يەنە بەش يۈز كىشى يىشئىنىڭ پىلاتيا، نىئاريا، رىفايا ۋە ئۇززىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرىنىڭ باشچىلىقىدا سەئىر تاغلىرىغا بېرىپ،


ئىسھاققا ئىككى ئوغۇل، يەنى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم. مەن سەئىردىكى تاغلىق رايوننى ئەساۋغا بەردىم. لېكىن ياقۇپ ئەۋلادلىرى بىلەن مىسىرغا كەتتى.


ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سەئىرلىكلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن بىر غېرىچنىمۇ سىلەرگە بەرمەيمەن.


تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم بولۇپ،


ۋە سەئىر تاغلىق رايونىدا ياشاۋاتقان خورىلارنى چۆل بويىدىكى ئەلپارانغىچە قوغلاپ بېرىپ تارمار قىلدى.


تۆۋەندىكىلەر سەئىر تاغلىق رايونىدىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.


سەن خەلققە مۇنداق بۇيرۇغىن: ‹سىلەر سەئىردە ياشايدىغان قېرىندىشىڭلار ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتىسىلەر. ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ. لېكىن ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇڭلار،


خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار سەئىردە ياشايدىغان خور خەلقىنى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يوقىتىپ، بۇ زېمىنىغا ئۇلارنى ئىگە قىلدى. ئۇلار بۈگۈنگىچە شۇ يەردە ياشىماقتا.


موئاب، ئاممون، ئىدوم ۋە باشقا يەرلەردىكى بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر بابىل پادىشاھىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيەدە ياشىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ۋە شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۇلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىدى.


ياقۇپقا: _ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. قاينىتىۋاتقان ئاۋۇ قىزىل ماش شورپاڭدىن ئىچكىلى قويساڭچۇ! _ دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «قىزىل» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالدى.


ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشنى بۇيرۇدى: «كەمىنىلىرى ياقۇپ تا ھازىرغىچە لاباننىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، ئەمدى قايتىپ كەلدىم.


ماگدىئېل ۋە ئىرام. بۇلار ئۆز رايونلىرىدىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ياشىغان جايلىرىغا باشلىق بولغانىدى. ئەساۋ ئىدوملۇقلارنىڭ ئەجدادى ئىدى.


سائۇل ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن، يەنى موئابلىقلار، ئاممونلار، ئىدوملۇقلار، زوباھتىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ قايسى يەرگە بارمىسۇن، ھەممە يەردە غەلىبە قىلدى.


بۇ مەن ئوبادىياغا كەلگەن ۋەھىي بولۇپ، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم خەلقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدۇر. بىز پەرۋەردىگاردىن بىر خەۋەر ئالدۇق، ئەللەرگە بىر ئەلچى ئەۋەتىلىپتۇ. ئەلچى: «ئىدومغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار!» دەيدۇ.


تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدايدۇ. سېنىڭ پايتەختىڭ قىيادىكى قورغاندۇر، ئۆيۈڭ ئېگىز تاغدىدۇر. شۇڭا سەن كۆڭلۈڭدە: ‹كىم مېنى بۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرەلەيدۇ؟› دەپ ئويلايسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite