Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 34:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ۋە شەكەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىڭلىسى بولغان دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشىنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، شۇنداقلا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەتچىلىك، دەپ قارىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 34:7
27 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن مەن توقىلىمنى پارچىلاپ، ئىسرائىل خەلقىگە تەقسىم قىلىنغان ھەربىر زېمىنغا ئەۋەتتىم. چۈنكى گىبئاھلىقلار ئىسرائىللار ئارىسىدا شۇنداق نومۇسسىز ۋە ئىپلاس ئىشتىن بىرنى قىلدى.


پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرگە خىيانەت قىلغان كىشى، شۇ نەرسىلەر بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئارىسىدا شەرمەندە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىنى بۇزدى.


ئۇ ئادەم قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. شەھەردىكى ئەرلەر ئۇ قىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. چۈنكى ئۇ قىز تويدىن ئىلگىرى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى شەرمەندە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.


ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىزگە نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ مېنى ۋە خەلقىمنى ئېغىر گۇناھقا قويغۇدەك بىز سېنى قانداق رەنجىتكەنىدۇق؟ سەن ماڭا ھېچكىم قىلمايدىغان ئىشنى قىلدىڭ.


لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.


دېمەك، بىر ئېغىزدىن ھەم مەدھىيە، ھەم لەنەت چىقىدۇ. قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك!


ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويۇلمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ.


بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمايلى. ئۇلار مانا شۇنداق قىلىپ، يىگىرمە ئۈچ مىڭى بىر كۈندىلا ھالاك بولدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار. ئىنسانلار سادىر قىلغان باشقا گۇناھلارنىڭ ھەممىسى تەننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. لېكىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلغان بولىدۇ.


ساددا ياشلار ئارا بىر ئەقىلسىز يىگىتنى كۆرۈپ قالدىم.


ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەستۇر پەرزلىرىڭ، ئۆيۈڭگە زىننەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇقەددەسلىكىڭ.


پادىشاھ داۋۇت بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولدى.


ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر ۋە ئاياللار بۇتخانىدا پاھىشىۋازلىق قىلمىسۇن.


ئەگەر ئادەتتىكى بىر كىشى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.


پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرۈلسۇن:


يەنى ئوغۇل-قىزلىرى ۋە ئوغۇل-قىز نەۋرىلىرىمۇ مىسىرغا بىرگە كەلدى.


ئۇلار يەنە ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈپ، غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ۋالاقتەككۈرلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ.


شەكەمنىڭ ئاتىسى خامور ياقۇپنىڭ ئالدىغا قىزىنى سوراپ كەلگەندە،


خامور ئۇلارغا: _ ئوغلۇم شەكەم دىنانى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئوغلۇمنىڭ ئۇنى نىكاھىغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغايسىلەر.


لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئەيىبلەشلىرى راست بولۇپ، ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىيالمىسا،


ئۇلار مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدا نومۇسسىز ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىناخورلۇق قىلدى ۋە نامىمنى ئاتاپ يالغان سۆزلىدى، يەنى مەن بۇيرۇمىغان سۆزلەرنى سۆزلىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمەن ۋە نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite