6 شەكەمنىڭ ئاتىسى خامور ياقۇپنىڭ ئالدىغا قىزىنى سوراپ كەلگەندە،
ياقۇپ قىزىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. لېكىن ئۇ چاغدا ئوغۇللىرى يايلاقتا مال بېقىۋاتقاچقا، داۋراڭ سالماي، ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.
ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ۋە شەكەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىڭلىسى بولغان دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشىنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، شۇنداقلا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەتچىلىك، دەپ قارىدى.
ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال ئۇلارغا: _ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىكەن، بىز شەكەملىكلەرنى ئۆز خىزمىتىگە سالغۇدەك؟ ئۇ دېگەن يېرۇببائالنىڭ ئوغلىغۇ؟ زىبۇلمۇ پەقەت ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى خالاس! شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان خامورنىڭ ئەۋلادلىرىغا خىزمەت قىلىڭلار! نېمىشقا ئابىمەلەككە خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟