4 ئۇ ئاتىسى خامورغا: _ مەيلى قانداق بولمىسۇن، مۇشۇ قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەر، _ دېدى.
ئۇ قايتىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىغا: _ تىمناھ شەھىرىدە فىلىستىيەلىك بىر قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلاي دەيمەن، ئۇنى ماڭا ئېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى.
بۇ رەسۋاچىلىقنى مەن قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەي؟ سىزمۇ ئىسرائىللار ئىچىدىكى ئۇياتسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز. ئۆتۈنەي، پادىشاھقا ئېيتسىڭىز، ئۇ مېنىڭ سىزگە ياتلىق بولۇشۇمغا قارشى چىقمايدۇ، _ دېدى.
ئۇ پاران چۆلىدىكى ۋاقتىدا ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىردىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.
لېكىن ئۇ دىنانى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشمەكچى بولدى.
ياقۇپ قىزىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. لېكىن ئۇ چاغدا ئوغۇللىرى يايلاقتا مال بېقىۋاتقاچقا، داۋراڭ سالماي، ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.
توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇڭلار. ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆيلەپ، قىزلىرىڭلارنى ياتلىق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارمۇ پەرزەنتلىك بولىدۇ. ئۇ يەردە كۆپىيىڭلار، سانىڭلار ئازايمىسۇن.