Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 34:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 لېكىن ئۇ دىنانى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشمەكچى بولدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 34:3
11 Referans Kwoze  

شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۇنى قايتىدىن ئۆزۈمگە قىزىقتۇرىمەن. چۆلگە ئاپىرىپ، شېرىن سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى ئالىمەن.


يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»


خىزكىيا پەرۋەردىگار ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن ئىش قىلغان بارلىق لاۋىيلارنى ماختىدى. جامائەت ھېيت زىياپىتى بىلەن يەتتە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشتى.


ئەمدى تاشقىرىغا چىقىپ، ئادەملىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالغايلا. مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىسىلا، بۈگۈن كېچە يانلىرىدا بىرمۇ ئادەم قالمايدۇ. بۇ ئىش ياشلىقلىرىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە باشلىرىغا كەلگەن ئەڭ چوڭ بالا-قازا ھېسابلىنىدۇ.


داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئەمدى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالدى.


ئۇلار يەنە قاتتىق يىغلاشتى. ئورپاھ قېيىنئانىسىنى سۆيۈپ قويۇپ، قايتىپ كەتتى. لېكىن رۇت قېيىنئانىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى.


ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى خىۋلاردىن بولغان خامورنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگدى.


ئۇ ئاتىسى خامورغا: _ مەيلى قانداق بولمىسۇن، مۇشۇ قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەر، _ دېدى.


بۇ لاۋىي بىر چاكار بىلەن ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ياخشى گەپلەر بىلەن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. ئۇ يېتىپ كەلگەندە، توقىلى ئۇنى ئاتىسىنىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى. ئاتىسى ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى.


قورقماڭلار، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن، _ دېدى. يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللى بېرىشى ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، سەن مېنى ‹ئېرىم› دەپ چاقىرىسەن، ‹خوجايىنىم› دەپ چاقىرمايسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite