1 بىر كۈنى ياقۇپنىڭ لېياھتىن بولغان قىزى دىنا يەرلىك كەنئانلىقلارنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر قىز تۇغدى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى دىنا دەپ قويدى.
ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ.
ئۇلار يەنە ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈپ، غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ۋالاقتەككۈرلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىدىكىلەر پاددان-ئاررامدا ياقۇپ بىلەن ئايالى لېياھتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، قىزى دىنانى قوشقاندا، جەمئىي 33 نەپەر ئىدى.
لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن بەختلىك-ھە! ئاياللار مېنى بەختلىك ئايال دېيىشىدۇ!» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى ئاشېر [مەنىسى «بەختلىك»] دەپ قويدى.
ئەساۋ ئىنىسى ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پاددان-ئاررام رايونىغا ئۆيلىنىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىدىن ۋە ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا دۇئا قىلغاندا، كەنئانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمەسلىكىنى تاپىلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.
رىبەقا ئىسھاققا: _ مەن ئەساۋنىڭ خىتلاردىن ئالغان ئاشۇ ئىككى ئايالىدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇپمۇ خىتلاردىن قىز ئالسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى، _ دېدى.
ئەساۋ قىرىق يېشىدا خىت خەلقىدىن بولغان ئىككى قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. بۇ ئىككى قىز بەئەرىنىڭ قىزى يىھۇدىت بىلەن ئېلوننىڭ قىزى باسمات ئىدى.
ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىغا ماھىر بولۇش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشلارنى ئۆگىتەلەيدىغان بولسۇن. ياش ئاياللار شۇنداق ياشىسا، خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ.
ئۇ بۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭغا ئەل-ئەلوھىي-ئىسرائىل [مەنىسى «ئىسرائىل ئىبادەت قىلغان خۇدا»] دەپ نام قويدى.