8 ئەساۋ يەنە: _ پادىلارنى ئالدىڭدا ماڭدۇرۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن سوۋغىتىمدۇر، _ دېدى ياقۇپ.
مېنىڭ ھازىر كالا، ئېشەك، قوي، ئۆچكە، قۇل ۋە دېدەكلىرىم بار بولدى. مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدىلىرىغا ئادەملىرىمنى ئەۋەتتىم!»
پادىشاھ ئەستىرنى بارلىق ئاياللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆردى. پادىشاھ ئۇنىڭغا باشقا قىزلاردىن بەكرەك ئامراق بولغاچقا، ئۇنىڭ بېشىغا خانىشلىق تاجىنى تاقاپ، ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلدى.
شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، پەرۋەردىگار پوتىفارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە، چارۋا ماللىرىغا ۋە تېرىقچىلىقىغا بەرىكەت ئاتا قىلدى.
كەينىدىن لېياھ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، ئاخىردا يۈسۈپ بىلەن راھىلەمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.
ياقۇپنىڭ ئادەملىرى قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ بىز ئاكىڭىز ئەساۋ بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ تۆت يۈز ئادەمنى ئېلىپ، سىز بىلەن كۆرۈشكىلى يولغا چىقتى، _ دېدى.