3 ياقۇپ ئۆزى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ، يەتتە قېتىم تەزىم قىلدى.
يۈسۈپ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بولغاچقا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەنلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە مەسئۇل ئىدى. شۇڭا يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.
ئۇ قارىۋىدى، ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى
يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە، ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلىپ، سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى.
چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.
قويچى قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ.
ئەگەر بىر ئەمەلدار ساڭا ئاچچىقلانغان بولسا، بۇنىڭلىق بىلەن ئىش ئورنۇڭنى تاشلىما، چۈنكى تەمكىنلىك ئادەمنى چوڭ خاتالىقتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.
قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بۇنىڭدىن، بۇنداق قىل، ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا دەرھال بارغىن، ئۇنىڭدىن ئۆتۈنۈپ سورا تۆۋەنچىلىك بىلەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئىلكىدىسەن بەرگەن ۋەدەڭ بىلەن.
بىر بۇردا نان ئۈچۈن مەدىكاردۇر بۇرۇن توق بولغانلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالماس، ئاچ قالغانلار. تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار، كۆپ بالىلىق ئايال ئەمدى مۇسىبەتتە قالار.
ئۇ ئىككى توقىلىنى بالىلىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە، لېياھنى بالىلىرى بىلەن ئىككىنچى سەپتە ماڭدۇردى. ئەڭ كەينىدە راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى.
يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ تىزىدىن ئىككى ئوغلىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئاتىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ تەزىم قىلدى.