2 ئۇ ئىككى توقىلىنى بالىلىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە، لېياھنى بالىلىرى بىلەن ئىككىنچى سەپتە ماڭدۇردى. ئەڭ كەينىدە راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئاشۇ كۈندە، ئۇلار ماڭا مەنسۇپ بولۇپ، مېنىڭ قىممەتلىك خەلقىم بولىدۇ. خۇددى ئاتا ئۆزىنىڭ ۋاپادار بالىسىغا رەھىم قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن.
ئىسرائىل يۈسۈپنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى يۈسۈپ ئۇنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا كۆرگەن بالىسى ئىدى. ئىسرائىل يۈسۈپكە بىر ئالا تون تىكتۈرۈپ بەرگەنىدى.
ياقۇپ راھىلە بىلەنمۇ بىر ئورۇندا ياتتى. ئۇ راھىلەنى لېياھتىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ لابانغا يەنە يەتتە يىل ئىشلەپ بەردى.
ياقۇپ ئەساۋنىڭ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىنى لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى توقىلىغا بۆلۈپ بەردى.
ياقۇپ ئۆزى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ، يەتتە قېتىم تەزىم قىلدى.
لېكىن سىلەرنىڭ ئاناڭلار قاتتىق ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ. سىلەر تۇغۇلغان بۇ زېمىن نومۇسقا قالىدۇ. بابىل بارلىق ئەللەر ئىچىدە ئەڭ ئەرزىمەس بىر جايغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ قۇرۇپ چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.
لاباننىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسمى لېياھ، كىچىكىنىڭ ئىسمى راھىلە ئىدى.