14 شۇڭا سىلى ئالدىمىزدا مېڭىپ تۇرسىلا. چارۋا ماللار ۋە بالىلار قانچىلىك ماڭالىسا، مەنمۇ شۇنچىلىك ماڭاي. سىلى بىلەن سەئىردە كۆرۈشەيلى، _ دېدى.
پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ، ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.
ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ،
ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماستىن، ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.
ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ سۆزىنى بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن جامائەت چۈشىنەلىگۈدەك قىلىپ چۈشەندۈرەتتى.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «موئاب ۋە سەئىر خەلقى: ‹يەھۇدىيە خەلقىنىڭ باشقا خەلقلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق› دەپ سۆزلەپ يۈرۈشتى.
سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭدا، ئۇلارنىڭ ئاممونلار، موئابلار ۋە سەئىر تاغلىرىدا ياشايدىغان مىئۇنلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدىڭ. شۇڭا ئۇلار بۇ خەلقلەرنى يوقىتالمىدى، پەقەت زېمىنلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتتى.
ئى پەرۋەردىگار، سەئىردىن ئايرىلغىنىڭدا، ئىدوم زېمىنىدىن يۈرۈش قىلغىنىڭدا، زىلزىلگە كەلدى يەر-زېمىنلار، تۆكۈلدى ئاسمان ۋە بۇلۇتلاردىن يامغۇرلار.
_ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقىنىدەك، بىز ئارقىمىزغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە كەتتۇق. سەئىر تاغلىرىنى ئايلىنىپ، نۇرغۇن كۈنلەر يۈردۇق.
مەن سىلەرگە بەرگەن تەلىم چوڭلارنىڭ ئوزۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ خۇددى بوۋاقلار ئىچىدىغان سۈتكە ئوخشايدۇ. بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب، سىلەر يىرىك يېمەكلىكنى يېيەلمەيتتىڭلار، ھازىرمۇ يېيەلمەيۋاتىسىلەر.
بىراق ياقۇپ: _ سىلى بىلىلا، بالىلىرىم يول ئازابىدىن بەك ئاجىزلاپ كەتتى، موزاي، قوزىلارمۇ تېخى سۈتتىن ئايرىلمىدى. مەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك. ئەگەر بىز يەنە بىر كۈنلا ماڭساق، ھەممە كالا، قويلىرىمىز ھالاك بولىدۇ.
ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشنى بۇيرۇدى: «كەمىنىلىرى ياقۇپ تا ھازىرغىچە لاباننىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، ئەمدى قايتىپ كەلدىم.