Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 33:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 _ ياق، ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا. سىلى مېنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدىلا، دىدارلىرىنى كۆرگىنىمدە، خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 33:10
19 Referans Kwoze  

ئۇ دۇئا قىلسا، خۇدا خۇرسەن بولىدۇ. ئۇ خۇشال ھالدا خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنە بىر قېتىم ھەققانىي ئادەمگە ئايلىنىدۇ.


ئۇلار خۇدانىڭ جامالىنى كۆرىدۇ، خۇدانىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە يېزىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دۈشمەننىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ ئامان قالغان ئىسرائىل خەلقى چۆل-باياۋانلاردا ئاراملىققا ئىنتىزار بولۇپ يۈرگەن چاغدا، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.


ياقۇپ ئىچىدە: _ مەن خۇدا بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشكەن بولساممۇ، جېنىم ساق قالدى! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەرنىڭ نامىنى پىنىئەل [مەنىسى «خۇدانىڭ يۈزى»] دەپ ئاتىدى.


غەلىبە قىلغۇزمىدىڭ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى، بىلدىم شۇنىڭدىن، مەندىن خۇش ئىكەنلىكىڭنى.


ئابسالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: _ مەن سېنى چاقىرتسام، سەن كەلمىدىڭ. ئەسلىدە سېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ، پادىشاھتىن مېنى نېمىشقا گىشۇردىن قايتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ شۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى ئەمەسمىدى، دەپ سوراتقۇزماقچىدىم. سەن ئەمدى مېنى پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرغىن. ئەگەر مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئۆلتۈرسۇن، _ دېدى.


ئابسالوم يېرۇسالېمدا ئىككى يىل تۇرغان بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرمىدى.


لېكىن پادىشاھ: _ ئابسالوم ئۆيىگە بارسۇن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلمىسۇن، _ دېدى. شۇڭا ئابسالوم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى.


داۋۇت: «ياخشى گەپ! مەن سەن بىلەن كېلىشىم تۈزەي، بىراق ئالدى بىلەن سەندىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلىمەن. سەن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىكالنى ئېلىپ كەل، بولمىسا سەن مەن بىلەن كۆرۈشەلمەيسەن» دەپ جاۋاب قايتۇردى.


داۋۇت مۇنداق دېدى: _ قەسەم قىلىمەنكى، ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىدۇ» دەپ ئويلىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە پەقەت بىر قەدەملا يىراقتىمەن، _ دېدى.


رۇت بوئازنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ: _ نېمىشقا مەندەك بىر مۇساپىرغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بۇنچىۋالا غەمخورلۇق قىلىسىز؟ _ دېدى.


قارىلىق تۇتۇش مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن، يۈسۈپ پىرئەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىغا: _ ئېغىر كۆرمىسەڭلار، پىرئەۋنگە مۇنداق دەڭلار:


ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، قولۇڭنى ئىككى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا مېھرىبان، ۋاپادار بولىدىغانلىقىڭغا ۋە مېنى مىسىرغا دەپنە قىلمايدىغانلىقىڭغا قەسەم قىل.


سىلى ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ، شاپائەت قىلىپ، جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. لېكىن ئۇ تاغ بەك يىراق ئىكەن، بەلكىم مەن ئۇ تاغقا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، مېنى پالاكەت بېسىپ، ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن.


- بۇ سەبىيلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتام خۇدانىڭ جامالىنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ.


يەھۇدا ئاتىسىغا: _ بىراق ئۇ ئادەم بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار» دېگەنىدى.


بىراق ئەساۋ: _ ئۇكام، مېنىڭ توققۇزۇم تەل. بۇ نەرسىلەر ئۆزۈڭدە قالسۇن، _ دېدى.


مېنىڭ سىلىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا، خۇدا ماڭا ياخشىلىق قىلدى. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، _ دېدى ياقۇپ. ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite