Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 32:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: _ ئى بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئاتام ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى يۇرتۇمغا ھەمدە تۇغقانلىرىمنىڭ يېنىغا قايتىشقا بۇيرۇغان ۋە ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭ قىلىپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 32:9
20 Referans Kwoze  

بوۋام ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان، ئاتام ئىسھاق ئىخلاس قىلغان خۇدا ماڭا يار بولمىغان بولسا، سىز مېنى چوقۇم قۇرۇق قول قايتۇرغان بولاتتىڭىز. لېكىن خۇدا مېنىڭ قانداق قىينالغىنىمنى، قانداق جاپا تارتقىنىمنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن كېچە سىزنى ئەيىبلىدى.


مەن بەيتەلدە ساڭا كۆرۈنگەن خۇدادۇرمەن. سەن ئۇ يەردە بىر تاشنى ماڭا ئاتاپ، خاتىرە قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ قۇيدۇڭ ۋە ئۇ يەردە ماڭا قەسەم بەردىڭ. ئەمدى سەن ئۆز يۇرتۇڭغا قايتىپ كېتىشكە ھازىرلان!» دېدى.


ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ پەلەمپەينىڭ ئۈستى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۆزىگە: «مەن پەرۋەردىگار، بوۋاڭ ئىبراھىم ۋە ئاتاڭ ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن. مەن ھازىر سەن ياتقان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن.


بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ياقۇپقا: «سەن ئاتا-بوۋاڭ ياشىغان يۇرتۇڭغا، يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بار، مەن ساڭا يار بولىمەن» دېدى.


چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»


ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئىشقا ئىبراھىم، ناخور ۋە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇدا ھۆكۈم چىقارسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ بۇ كېلىشىمگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئاتىسى ئىسھاق ئىخلاس قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى.


جاۋاب بېرىمەن ئىلتىجا قىلغىنىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن ئېغىر كۈنلىرىدە، قۇتقۇزۇپ ئۇنى، سازاۋەر قىلىمەن شۆھرەتكە.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى، يەنى پەيغەمبەر يەشايا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلدى.


مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: _ ئى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا، سەن ئەرشتىكى خۇدا ئەمەسمۇ؟ سەن بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ئىگىسىسەن، كۈچ-قۇدرەت سەندىدۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ.


داۋۇت قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن قاتتىق ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى. ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشمەكتە ئىدى. لېكىن داۋۇت ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت ئالدى.


مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇرمەن، _ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى.


ئەسلىدە ئەدىبىڭنى بېرىدىغان كۈچۈممۇ بار ئىدى. لېكىن تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېنىڭ چىشىڭغا تەگمەسلىكىمنى ئېيتتى.


مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن.


ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنى جازالىمامسەن؟ بىزگە قارشى كېلىۋاتقان غايەت زور بۇ قوشۇننى توسقۇدەك بىزدە كۈچ يوق. بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي، پەقەت ساڭىلا تەلپۈنمەكتىمىز.


مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن قەيەرگە بارساڭ، سېنى شۇ يەردە قوغدايمەن ھەمدە سېنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن، ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمەن!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.


چۈنكى ئۇ: «ئەگەر ئەساۋنىڭ ئادەملىرى بىر توپقا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپ قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» دەپ ئويلىغانىدى.


ئاتاڭ ئىبادەت قىلغان خۇدا ساڭا ياردەم قىلار، ھەممىگە قادىر خۇدا سېنى بەختلىك قىلار. ئۇ ساڭا خاسىيەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ، يەردىكى بۇلاقلارنى ئاتا قىلار. چارۋا ماللىرىڭنى ھەم ئاۋۇتۇپ، ئەۋلادلىرىڭنى ھەسسىلەپ كۆپەيتەر.


مەن توختام نۇسخىلىرىنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا بېرىپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite