6 ياقۇپنىڭ ئادەملىرى قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ بىز ئاكىڭىز ئەساۋ بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ تۆت يۈز ئادەمنى ئېلىپ، سىز بىلەن كۆرۈشكىلى يولغا چىقتى، _ دېدى.
ياقۇپ ئەساۋنىڭ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىنى لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى توقىلىغا بۆلۈپ بەردى.
ئاشۇ كۈنى سىلەر خۇددى شىردىن قۇتۇلۇپ، ئېيىققا يولۇققان ئادەمگە، ياكى ئۆيگە ساق قايتىپ كېلىپ، تامغا يۆلىنىشىگىلا قولىنى يىلان چېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىلەر.
مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. مەن ئۇنىڭ مېنى، ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن.
چۈنكى ئۇ: «ئەگەر ئەساۋنىڭ ئادەملىرى بىر توپقا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپ قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» دەپ ئويلىغانىدى.
ياقۇپ قورقۇنچ ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئۆز ئادەملىرىنى ئىككى توپقا بۆلدى ھەمدە قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگىلىرىنىمۇ ئىككىگە ئايرىدى.
ئەساۋ يەنە: _ پادىلارنى ئالدىڭدا ماڭدۇرۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن سوۋغىتىمدۇر، _ دېدى ياقۇپ.
_ ئۇنداق بولسا، مەن ئادەملىرىمدىن بىرقانچىنى ساڭا ياردەمگە قالدۇرۇپ كېتەي، _ دېدى ئەساۋ. لېكىن ياقۇپ: _ ھاجىتى يوق، سىلىنىڭ مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىم ماڭا كۇپايە، _ دېدى.
ئارقىدىن شەكەم ئۆزى دىنانىڭ ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىدىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى: _ سىلەرنىڭ مەرھەمىتىڭلارغا ئېرىشسەم، مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭلار شۇنى بېرىمەن.
ئۇلار: _ جانابلىرى بىزگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. سىز پىرئەۋننىڭ قۇلى بولۇشقا رازىمىز، _ دېيىشتى.
بىر كۈنى رۇت نائومىغا: _ ئېتىزغا بېرىپ باشاق تېرىشىمگە ماقۇل بولسىڭىز، ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىدىغان بىرەر ئادەمنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، باشاق تېرەي، _ دېدى. _ مەيلى، بارغىن قىزىم، _ دېدى نائومى.
رۇت ئۇنىڭغا: _ خوجام، سىز ماڭا شۇنچە كۆپ ئىلتىپات كۆرسەتتىڭىز، گەرچە مەن سىزنىڭ خىزمەتكارلىرىڭىزدىن بولمىساممۇ، ماڭا شۇنداق مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىپ، كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردىڭىز، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.
ھاننا جاۋابەن: _ سىلىنىڭ ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشكەيمەن، _ دېدى. ئاندىن ئۇ قايتىپ بېرىپ، غىزا يېدى، ئىلگىرىكىدەك غەمكىن بولمىدى.