5 مېنىڭ ھازىر كالا، ئېشەك، قوي، ئۆچكە، قۇل ۋە دېدەكلىرىم بار بولدى. مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدىلىرىغا ئادەملىرىمنى ئەۋەتتىم!»
ئەساۋ يەنە: _ پادىلارنى ئالدىڭدا ماڭدۇرۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن سوۋغىتىمدۇر، _ دېدى ياقۇپ.
_ ئۇنداق بولسا، مەن ئادەملىرىمدىن بىرقانچىنى ساڭا ياردەمگە قالدۇرۇپ كېتەي، _ دېدى ئەساۋ. لېكىن ياقۇپ: _ ھاجىتى يوق، سىلىنىڭ مەرھەمەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىم ماڭا كۇپايە، _ دېدى.
مەن سىلەرگە: ‹بايلىقىڭلاردىن ماڭا بېرىڭلار، ياكى پارا بېرىپ مېنى قۇتقۇزۇڭلار› دېگەنمىدىم؟
پادىشاھ: _ مىفىبوشەتكە تەۋە بولغان ھەممە نەرسە ئەمدى ساڭا تەۋەدۇر، _ دېدى. زىبا: _ ئالىيلىرىغا تەزىم قىلاي، ھەر دائىم ئىلتىپاتلىرىغا سازاۋەر بولغايمەن! _ دېدى.
ھاننا جاۋابەن: _ سىلىنىڭ ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشكەيمەن، _ دېدى. ئاندىن ئۇ قايتىپ بېرىپ، غىزا يېدى، ئىلگىرىكىدەك غەمكىن بولمىدى.
بىر كۈنى رۇت نائومىغا: _ ئېتىزغا بېرىپ باشاق تېرىشىمگە ماقۇل بولسىڭىز، ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىدىغان بىرەر ئادەمنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، باشاق تېرەي، _ دېدى. _ مەيلى، بارغىن قىزىم، _ دېدى نائومى.
ئۇلار: _ جانابلىرى بىزگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. سىز پىرئەۋننىڭ قۇلى بولۇشقا رازىمىز، _ دېيىشتى.
مېنىڭ سىلىگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايلا، خۇدا ماڭا ياخشىلىق قىلدى. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، _ دېدى ياقۇپ. ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى.
خۇدا بىزنىڭ ئاتىمىزدىن سىزگە ئېلىپ بەرگەن بايلىق ئەسلى ئاتىمىزغا ئەمەس، بەلكى بىزگە ۋە بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە مەنسۇپتۇر. خۇدا سىزگە نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلىڭ!
شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ بارغانسېرى بېيىپ، نۇرغۇن قوي، ئۆچكە، قۇل، دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە ئىگە بولدى.
لېكىن، ئەگەر بۇ چاكار كۆڭلىدە «خوجايىنىم كېچىكىپ قايتىپ كېلىدىغۇ» دەپ، باشقا ئەر، ئايال چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە يەپ-ئىچىپ مەس بولسا،
بۇ چاغدا پەرۋەردىگار ياقۇپقا: «سەن ئاتا-بوۋاڭ ياشىغان يۇرتۇڭغا، يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بار، مەن ساڭا يار بولىمەن» دېدى.