29 ياقۇپ ئۇنىڭدىن: _ ئېيتقىن، ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى كىشى: _ نېمىشقا ئىسمىمنى سورايسەن، _ دېدى ۋە ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلدى.
بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.
سەن خۇدانىڭ سىرلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلەمسەن، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ چەكسىزلىكىنى بىلەلەمسەن؟
پەرىشتە: - مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.
كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتايلى! ئۇ بىزنى يارىلاندۇردى، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزى بىزنى ساقايتىدۇ. ئۇ بىزگە زەربە بەردى، لېكىن ئۇ يارىلىرىمىزنى ئۆزى تاڭىدۇ.
كىم ئەرشكە چىققان ھەم ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى تونىغا يۆگىگەن؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرىسىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىچۇ؟ بىلمەمسەن؟
سىرلار پەرۋەردىگارىمىز خۇداغىلا خاستۇر. لېكىن سىر ئەمەسلىرى، يەنى بۇ قانۇن بىزگە ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا مەڭگۈ تەۋەدۇر. بىز بۇ قانۇنغا پۈتۈلگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلارغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك.
ياقۇپ پاددان-ئاررام رايونىدىن بەيتەلگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە زاھىر بولۇپ، بەخت ئاتا قىلدى
ھازىردىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ ئىبرام ئەمەس، ئىبراھىم [مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلارنىڭ ئاتىسى»] بولسۇن. چۈنكى مەن سېنى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ئاتىسى قىلىمەن.
ۋە ئۇنىڭغا: _ سېنىڭ ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل، _ دېدى. شۇنداق بولۇپ، ياقۇپ ئىسرائىل ئاتىلىدىغان بولدى.
مۇسا كادېشتىن ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تۆۋەندىكى سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى: «بۇ قېرىنداش ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئېيتقانلىرى: ‹بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق كۈلپەتلەردىن خەۋەردارسىز.
قولىغا ئون ئىككى تاش ئالدى. بۇ تاشلار ياقۇپ، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان ئىسرائىل خەلقىنىڭ 12 قەبىلىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. (پەرۋەردىگار بۇرۇن ياقۇپقا: «سېنىڭ ئىسمىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەنىدى.)
سامارىيەلىكلەر يەنىلا بۇرۇنقى ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ھەقىقىي ئەيمەنمەي ھەم ئىسرائىل دەپ ئاتالغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇيرۇلغان ئەمر-پەرمانلار ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنماي كەلمەكتە.
ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسىدۇر، ئىسھاقنىڭ ئەساۋ ۋە ئىسرائىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.