25 ئۇ كىشى ياقۇپتىن ئۈستۈن كېلەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇنىڭ ساغرىسىغا ئۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتتى.
ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. كۆڭۈل خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر، - دېدى.
ئىسرائىللار تاللىغان مۇقەددەس خۇدا، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ياراتقۇچىسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۆز خەلقىمنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق مېنى سوراققا تارتماقچىمۇ؟ سىلەر ماڭا قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى دەپ بەرمەكچىمۇ؟
ئەي ئىسرائىللار! سىلەر: ‹بىز كىچىك قۇرتتەك تۇرساق› دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ، قورقماڭلار! سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن. مەن قوغدىغۇچىڭلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.
خۇدا ياقۇپنىڭ ساغرىسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللار تا بۈگۈنگىچە ھايۋانلارنىڭ ساغرىسىنىڭ پېيىنى يېمەيدۇ.
تېز قاچقىن، سەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغۇچە، سودومنى ۋەيران قىلمايمەن! بۇ شەھەر شۇنىڭدىن كېيىن زوئار [مەنىسى «كىچىك»] دەپ ئاتالدى.
شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى تاشلاپ ئۈچىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە شۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلدى.
ئۆزى بۇ تەرەپتە يالغۇز قالدى. ئۇ شۇ يەردە بىر كىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى.
ئۇ كىشى: _ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! _ دېدى. _ سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى ياقۇپ.