7 بىلھاھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى.
راھىلە: «خۇدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ دۇئايىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى!» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى دان [مەنىسى «ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش»] دەپ قويدى.
راھىلە: «مەن ھەدەم بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ئۇنى يەڭدىم» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى نافتالى [مەنىسى «كۈرىشىم»] دەپ قويدى.
يۇقىرىدىكىلەر لابان قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەرگەن بىلھاھ بىلەن ياقۇپتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي 7 نەپەر ئىدى.
نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شىللېم قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى.
نافتالى قەبىلىسىدىن 53,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
نافتالى قەبىلىسىنىڭ يېرى ئاشېر قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.