4 شۇنداق قىلىپ، راھىلە دېدىكى بىلھاھنى ئېرىگە توقاللىققا بەردى. ياقۇپ بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى.
پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆزۈڭنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئۆزۈڭگە يامانلىق كەلتۈرىمەن. خوتۇنلىرىڭنى كۆز ئالدىڭدا يېقىنلىرىڭدىن بىرسىگە بېرىۋېتىمەن. ئۇ كۈپكۈندۈزدە خوتۇنلىرىڭنىڭ قوينىغا كىرىدۇ.
ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى.
ئۇ ئىككى توقىلىنى بالىلىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە، لېياھنى بالىلىرى بىلەن ئىككىنچى سەپتە ماڭدۇردى. ئەڭ كەينىدە راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى.
لېكىن ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى توقىلىدىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقتىكى زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى.
ئىبراھىم قىتۇرا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى توقاللىققا ئالدى.
ناخورنىڭ توقىلى رىئۇمامۇ تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار تەباخ، گاخام، تاخاش ۋە مائاكا ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن سارە ئىبراھىمغا: _ سەن بۇ دېدەك ئايالنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى ھەرگىز مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن ئورتاق مىراسخور بولۇپ قالمىسۇن! _ دېدى.
ساراھ ئىبرامغا: _ پەرۋەردىگار مېنى تۇغماس يارىتىپتۇ، ئەمدى سىز دېدىكىم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇڭ! بەلكىم مەن ئۇ ئارقىلىق بىرەر پەرزەنتلىك بولۇپ قالارمەن، _ دېدى. ئىبرام ساراھنىڭ بۇ سۆزىگە قوشۇلدى.
بىلھاھ ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
لابان دېدەكلىرىدىن بىلھاھنى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەردى.
يۇقىرىدىكىلەر لابان قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەرگەن بىلھاھ بىلەن ياقۇپتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي 7 نەپەر ئىدى.