2 ياقۇپ راھىلەگە ئاچچىقلاپ: _ سېنى تۇغماس قىلىپ قويغان خۇدا تۇرسا، مەن نېمە قىلالايتتىم؟ _ دېدى.
ساراھ ئىبرامغا: _ پەرۋەردىگار مېنى تۇغماس يارىتىپتۇ، ئەمدى سىز دېدىكىم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇڭ! بەلكىم مەن ئۇ ئارقىلىق بىرەر پەرزەنتلىك بولۇپ قالارمەن، _ دېدى. ئىبرام ساراھنىڭ بۇ سۆزىگە قوشۇلدى.
پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر، ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى مەكتۇپنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كىيىملىرىنى يىرتىپ: _ مەن جان ئالىدىغان ياكى جان ئاتا قىلىدىغان خۇدامىدىم؟ بۇ ئادەمنىڭ ماڭا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، تېرە كېسىلى بار ئادەمنى ساقايتىسەن، دېگىنى نېمىسى؟ بۇ ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ، مەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باھانە ئىزدىگىنى ئەمەسمۇ! _ دېدى.
ھانناغا بولسا ئىككى ئۈلۈش بېرەتتى. چۈنكى ئەلقانا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ۋاھالەنكى، پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلىپ قويغانىدى.
يۈسۈپ ئۇلارغا: _ قورقماڭلار! مەن سىلەرنى جازالايدىغانغا خۇدا ئەمەسمەن!
ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن.
ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قېرىنداشلىرىغا غەزەپلەنگەنلەرمۇ سوتقا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغانلار ئالىي كېڭەشمىدە جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەنلەر ئوتلۇق دوزاخقا چۈشىدۇ.
ئۇ شادلىق بېغىشلار تۇغماس ئايالغا، ئۆز ئۆيىدە قۇچىقىنى تولدۇرار بالىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.
مۇسا قارارگاھقا يېقىن كېلىپ، موزاي بۇت ۋە ئۇسسۇلغا چۈشكەن خەلقنى كۆرۈپ، غەزىپىنى باسالماي، قولىدىكى ئىككى تاش تاختىنى تاغنىڭ ئېتىكىدە يەرگە ئۇرۇپ چېقىۋەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ لابانغا قاتتىق خاپا بولۇپ، مۇنداق دېدى: _ سىز مېنىڭ كەينىمدىن مۇشۇ يەرگىچە قوغلاپ كەلگۈدەك، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، قايسى قائىدە-يوسۇنغا خىلاپلىق قىلدىم؟
پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ لېياھنى بەكمۇ ياخشى كۆرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، لېياھنى پەرزەنت كۆرۈشكە قادىر قىلدى، لېكىن راھىلە يەنىلا بالا تۇغمىدى.
رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسھاق پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، رىبەقا ھامىلىدار بولدى.