13 لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن بەختلىك-ھە! ئاياللار مېنى بەختلىك ئايال دېيىشىدۇ!» دېدى. شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى ئاشېر [مەنىسى «بەختلىك»] دەپ قويدى.
ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى،
لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت سەنلا. مەشۇقۇم مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىمدۇر، ئۇ ئانىسىنىڭ ئەركىسىدۇر، ئۇ ئانىسىنىڭ ئەڭ قەدىردانىدۇر. ھەممە قىزلار ئۇنى كۆرسە داڭلىشار، خانىش ۋە توقاللارمۇ ماختىشار:
پەرزەنتلىرى ھۆرمەتتە ئۇنى تەرىپلەر، ئېرىمۇ ئۇنى ماختاپ مۇنداق دەر:
ئاشېرنىڭ زېمىنى بەئەينى مول ئاشلىق ئامبىرى بولۇپ، پادىشاھلارنى ئۇ تەمىنلەر خاس لەززەتلىك تائاملىرى بىلەن.
لېياھنىڭ دېدىكى زىلپادىن تۇغۇلغانلىرى: گاد ۋە ئاشېر. بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى پاددان-ئاررامدا تۇغۇلغانىدى.
ئاشېر ۋە ئۇنىڭ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى، بىرىئا قاتارلىق ئوغۇللىرى، قىزى سەراخ ۋە بىرىئاانىڭ خەبەر ۋە مالكىئېل قاتارلىق ئوغۇللىرى.
زىلپا ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى.