7 ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى ۋە ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى.
توقۇغان تورلىرى كىيىم بولۇشقا يارىمايدۇ، توقۇلغان نەرسىلەر ھېچكىمنىڭ ئۈستىنى ياپالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىللىكتۇر، قىلغان ئىشلىرى زوراۋانلىقتۇر.
ئۇ چاغدا ئادەم بىلەن ئايالى يالىڭاچ بولۇپ، بىر-بىرىدىن نومۇس قىلىشمايتتى.
خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنى يېسەڭلار، كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ.
«تۆشەك كىچىك ياتقىلى بولماس، يوتقان تار ياپقىلى بولماس»، دېگەن ماقالنى بىلىسىلەر.
ئۇلار سامارىيەگە كىرگەندە، ئېلىشا: _ ئى پەرۋەردىگار، بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىنى ئاچقايسەن، ئۇلار كۆرىدىغان بولسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سامارىيە شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى كۆردى.
بېشىڭلارغا كەلگەن كۈلپەتتىن ساراڭ بولىسىلەر.
ئۇ يەر ئاستىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ:
سەن يالىڭاچلىنىپ قېلىپ، نومۇسقا قالىسەن. مەن سەندىن قىساس ئالىمەن، مەن ھېچكىمنى ئايىمايمەن.»
يېرۇسالېم قىلىپ قاتتىق گۇناھ، بۇلغىدى ئۆزىنى. بۇرۇن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانلار، كۆرۈپ ئەمدى شەرمەندىچىلىكىنى، كەمسىتەر ئۇنى. ئۇ ھەسرەتلىنىپ، قاچۇرار ئۆزىنى.
تەننىڭ بىئەپ دەپ قارالغان ئەزالىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىمىز. ئۇياتلىق دەپ قارالغان ئەزالىرىمىزنى تېخىمۇ دىققەت-ئېتىبار بىلەن ياپىمىز.