Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دېدى: _ ئادەم بىزگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەپ قويۇشىدىن ساقلىنايلى. بولمىسا، ئۇ مەڭگۈ ياشايدۇ!

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:22
15 Referans Kwoze  

مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت! غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.»


ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغانلار نەقەدەر بەختلىك!


شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقان بۇ دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، يەنى ھەر ئايدا مېۋە بېرىدىغان ھاياتلىق دەرىخى بولۇپ، دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى پۈتكۈل خەلقلەرگە شىپا ئىدى.


دانالىقنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر، دانالىقنى مەھكەم تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر.


پەرۋەردىگار خۇدا ئۇ باغدا يەنە مېۋىلىرى شېرىن ۋە چىرايلىق بولغان ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈردى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە ئىككى تۈپ مېۋىلىك دەرەخ ئۆسكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىرى «ھاياتلىق دەرىخى»، يەنە بىرى «ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە بىلىم بېرىدىغان دەرەخ» ئىدى.


ئاندىن خۇدا: «ئۆزىمىزنىڭ شەكلىدە، ئۆزىمىزگە ئوخشايدىغان ئىنسان يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانلىقلارنى، يەنى دېڭىزدىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى قۇشلار، زېمىندىكى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك جانلىقلارنى باشقۇرسۇن!» دېدى.


خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنى يېسەڭلار، كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ.


ھازىر پادىشاھىڭلار لىۋاندىن ئەكەلگەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىسىدا ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ پات ئارىدا جازالىنىدۇ، ئۇ خۇددى تولغاق يەۋاتقان ئايالدەك ئىڭرايدۇ.»


ئېزىلگەنلەر قانائەتلىنەر نېمەتلەردىن، پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگەنلەر مەدھىيەلەر ئۇنى، خۇدا مەڭگۈ ياشناتقاي سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى.


پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ، كىيدۈرۈپ قويدى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرى يارىتىلغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite