21 پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ، كىيدۈرۈپ قويدى.
مەن پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن خۇشاللىنىمەن، يۈرىكىم خۇدادىن خۇشاللىق تاپىدۇ، چۈنكى ئۇ نىجاتلىقنى ماڭا چاپان قىلىپ كىيدۈردى، ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ ياپتى. خۇددى تويى بولغان يىگىت بېشىغا روھانىينىڭ ئېسىل باش كىيىمىنى كىيگەندەك، ھەم تويى بولغان قىز زىبۇ-زىننەت تاقىغاندەك خۇشاللىنىمەن.
خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى.
ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى ۋە ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى.
خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر.
ئادەم ئايالىغا ھاۋا [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئىسىم قويدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئانىسى بولاتتى.
ئاندىن پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دېدى: _ ئادەم بىزگە ئوخشاش ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى يەپ قويۇشىدىن ساقلىنايلى. بولمىسا، ئۇ مەڭگۈ ياشايدۇ!
تەننىڭ بىئەپ دەپ قارالغان ئەزالىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىمىز. ئۇياتلىق دەپ قارالغان ئەزالىرىمىزنى تېخىمۇ دىققەت-ئېتىبار بىلەن ياپىمىز.