Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا: _ بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلىسەن! بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىچىدە پەقەت سەنلا قارغىشقا قالىسەن: «ھازىردىن باشلاپ، يەر بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:14
10 Referans Kwoze  

ئۇلار يىلاندەك، يەر بېغىرلىغۇچى جانلىقتەك توپا يالايدۇ، ئۇۋىلىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن دەھشەتكە چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ.


بۆرىلەر بىلەن قوزىلار بىرگە ئوزۇقلىنىدۇ، شىرمۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ، يىلاننىڭ ئوزۇقى توپا بولىدۇ، مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا ئۇلار ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ چېقىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار تىز پۈكەر ئۇنىڭغا، رەقىبلىرى مەغلۇپ بولار مىلىنىپ توپا-چاڭغا.


سەن يىقىلىپ چۈشۈپ، توپىدا يېتىپ سۆزلەيسەن. سېنىڭ سۆزلىرىڭ توپىدىن ئارانلا ئاڭلىنىدۇ. سېنىڭ ئاۋازىڭ يەر ئاستىدىن كەلگەن جىننىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلىنىدۇ. سېنىڭ سۆزلىرىڭ تۇپراقتىن كەلگەن پىچىرلاشتەك بىلىنىدۇ.


شۇڭا سىلەر ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ ھالال ۋە ھاراملىرىنى ئايرىڭلار. مەن ھارام دەپ بېكىتكەن ئۇچار قاناتلارنى، ھايۋانلارنى ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنى يەپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.


مەن ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى باشقا بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ.


يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان جانلىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن: _ خۇدا راستتىنلا: «باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى قەتئىي يېمەڭلار!» دېدىمۇ، _ دەپ سورىدى.


سەن ئەمدى قارغىشىمغا قالىسەن، يەرگە ئىشلىيەلمەيسەن! چۈنكى سەن ئىنىڭنى ئۆلتۈرۈپ، يەرگە قان تۆكتۈڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite