12 ئادەم: _ سەن ماڭا بەرگەن ئۇ ئايال شۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىدىن ماڭا بەرگەنىدى، شۇنى يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.
روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.
چۈنكى ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىش يولىنى بىلمەي، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىغا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ئۇشبۇ يولنى قوبۇل قىلمايدۇ.
باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى يوشۇرىدۇ، لېكىن مەن گۇناھلىرىمنى ھەرگىز يوشۇرۇپ باقمىدىم.
ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ سوئال سورىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسادىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىپ: - مېنىڭ سۆيۈشكە تېگىشلىك قوشنىلىرىم كىملەر؟ - دەپ سورىدى.
ئادەمنىڭ نادانلىقى ھايات يولىنى نابۇت قىلار، ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا پەرۋەردىگاردىن خاپا بولار.
كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ھەمراھ يارىتاي» دېدى.
پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ قوۋۇرغىسىدىن بىر ئايال ياراتتى ۋە ئۇنى ئادەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.
ئادەم بارلىق قۇشلار ۋە ھايۋانلارغا ئىسىم قويدى. ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىگە لايىق بولغۇدەك بىرەر ھەمراھ تاپالمىدى.
خۇدا ئۇنىڭدىن: _ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ ياكى مەن ساڭا يېمە، دېگەن مېۋىنى يېدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
سائۇل ئۇنىڭغا: _ بۇلار ئادەملىرىمنىڭ ئامالەكلەردىن ئالغان ئولجىلىرىدۇر. ئادەملىرىم پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كالا ۋە قويلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ساقلاپ قېلىشتى. لېكىن بىز قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق، _ دېدى.