Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئادەم: _ مەن سېنىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىڭنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ، يالىڭاچلىقىمدىن قورقۇپ يوشۇرۇنۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 3:10
17 Referans Kwoze  

ئۇ چاغدا ئادەم بىلەن ئايالى يالىڭاچ بولۇپ، بىر-بىرىدىن نومۇس قىلىشمايتتى.


كىمدىن شۇنچە قورقۇپ، ماڭا يالغان سۆزلەيدىغان بولدۇڭلار؟ مېنى ئۇنتۇدىڭلار، مېنى خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرمىدىڭلار. مەن ئۇزاقتىن بېرى سۈكۈت قىلغانلىقىم ئۈچۈن، مەندىن قورقمايدىغان بولدۇڭلار!


سەن يالىڭاچلىنىپ قېلىپ، نومۇسقا قالىسەن. مەن سەندىن قىساس ئالىمەن، مەن ھېچكىمنى ئايىمايمەن.»


ۋۇجۇدۇم تىترەر قورقۇپ سېنىڭدىن، ۋەھىمىگە چۈشىمەن ھۆكۈملىرىڭدىن.


شۇنداقتىمۇ، بەزىدە ۋىجدانىمىز يەنىلا ئازابلانسا، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، خۇدا ۋىجدانىمىزدىن ئۇلۇغ ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.


شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، پاراكەندە بولىمەن. بۇ ئىشنى ئويلىساملا ۋەھىمىدە قالىمەن.


مەن سېنىڭ ئاتاڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇرمەن، _ دېدى. بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى.


سىئون تېغىدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇنچ باسىدۇ. ئىمانسىزلارنى تىترەك باسىدۇ. ئۇلار سورىشىدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق ھۇزۇرىدا تۇرالايدۇ؟ ئارىمىزدىن كىملەر مەڭگۈلۈك ئوت ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟»


ئەيسا مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك تۇيۇقسىز كېلىمەن. يالىڭاچ قېلىپ، نومۇسقا قالماسلىق ئۈچۈن، كىيىملىرىنى يېنىغا قويۇپ، سەگەك ياتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!»


مۇسا ھارۇننىڭ خەلقنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى سەۋەبىدىن خەلق باشباشتاق بولۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالغانلىقىنى بىلدى.


ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى ۋە ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى.


خۇدا ئۇنىڭدىن: _ يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ ياكى مەن ساڭا يېمە، دېگەن مېۋىنى يېدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


خەلق گۈلدۈرماما ۋە بۇرغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، چاقماق چېقىلغاننى ۋە تاغدىن پۇرقىراپ چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكنى كۆرۈپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىشتى ۋە يىراقراق بېرىپ تۇرۇشتى.


خەلق مۇساغا: _ بىزگە سەنلا سۆزلىگىن، سۆزۈڭنى چوقۇم ئاڭلايمىز. خۇدا بىزگە ئۆزى بىۋاسىتە سۆز قىلمىغاي. بولمىسا، ھالاك بولىدىغان ئوخشايمىز، _ دېدى.


شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز نېمىشقا يەنە خەۋپكە تەۋەككۈل قىلايلى؟ ئۇ قورقۇنچلۇق ئوت يالقۇنى ئاڭلىساق، جەزمەن ھالاك بولىمىز.


باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى يوشۇرىدۇ، لېكىن مەن گۇناھلىرىمنى ھەرگىز يوشۇرۇپ باقمىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite