Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 28:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى پاددان-ئاررام رايونىدىكى ئارراملاردىن بولغان بېتۇئېلنىڭ ئوغلى لاباننىڭ يېنىغا يولغا سالدى. لابان رىبەقانىڭ ئاكىسى بولۇپ، رىبەقا ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسى ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 28:5
12 Referans Kwoze  

ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئۇلار پاددان-ئاررامدىكى ئارران دېگەن جايدا ياشايتتى.


ئەي ئوغلۇم، سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن: دەرھال ھاران رايونىدىكى ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكىن.


ياقۇپ ئاررام رايونىغا قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ يەردە ئۇ ئۆيلىنىش ئۈچۈن بىرسىگە خىزمەتكار بولدى، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن قوي باقتى.


بېتۇئېل كېيىن رىبەقانىڭ ئاتىسى بولدى. يۇقىرىدىكىلەر مىلكاھ ناخورغا، يەنى ئىبراھىمنىڭ ئىنىسىغا تۇغۇپ بەرگەن سەككىز ئوغۇل ئىدى.


شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە يەپ-ئىچىپ، بىر كېچە قوندى. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، رىبەقانىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە: _ خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.


پاددان-ئاررام رايونىدا ياشايدىغان ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئېلنىڭ ئۆيىگە بارغىن ۋە ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئەمرىڭگە ئالغىن.


ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرق تەرەپتىكىلەرنىڭ زېمىنىغا كەلدى.


شۇ كۈنى كېچىدە خۇدا لاباننىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: «سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ياقۇپنىڭ چىشىغا تەگمە» دېدى.


ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا، يەنى مامرە دېگەن يەرگە كەلدى. مامرە قىريات-ئاربا، يەنى ھىبروننىڭ يېنىدا بولۇپ، بۇ دەل ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق تۇرغان جاي ئىدى.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇنداق دەڭلار: «بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەسلىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئارراملىق ئىدى. ئۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغاندا، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ سانى ئاز ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى.


سەندە تاۋارلار مول بولغاچقا، ئىدوم خەلقىمۇ سەن بىلەن تىجارەت قىلاتتى. ئۇلار فىرۇزە، سۆسۈن رەڭلىك رەختلەر، كەشتىلەنگەن رەختلەر ۋە ئېسىل زىغىر رەختلەرنى ھەمدە مارجان تاشلار ۋە قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە سودا قىلاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite