2 پاددان-ئاررام رايونىدا ياشايدىغان ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئېلنىڭ ئۆيىگە بارغىن ۋە ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن بىرىنى ئەمرىڭگە ئالغىن.
ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئۇلار پاددان-ئاررامدىكى ئارران دېگەن جايدا ياشايتتى.
ياقۇپ ئاررام رايونىغا قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ يەردە ئۇ ئۆيلىنىش ئۈچۈن بىرسىگە خىزمەتكار بولدى، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن قوي باقتى.
يۇقىرىدىكىلەر پاددان-ئاررامدا ياقۇپ بىلەن ئايالى لېياھتىن تارالغان ئەۋلادلار بولۇپ، قىزى دىنانى قوشقاندا، جەمئىي 33 نەپەر ئىدى.
ياقۇپ پاددان-ئاررام رايونىدىن بەيتەلگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە زاھىر بولۇپ، بەخت ئاتا قىلدى
مەن سېنىڭ مەندەك بىر خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە سەمىمىيىتىڭگە لايىق ئەمەسمەن. بۇرۇن مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە، قولۇمدا پەقەت بىرلا ھاسا بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى توپ كىشىنى باشلاپ قايتىۋاتىمەن.
شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى پاددان-ئاررام رايونىدىكى ئارراملاردىن بولغان بېتۇئېلنىڭ ئوغلى لاباننىڭ يېنىغا يولغا سالدى. لابان رىبەقانىڭ ئاكىسى بولۇپ، رىبەقا ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسى ئىدى.
لابان بىلەن بېتۇئېل غوجىدارغا: _ بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن، بىز نېمە دېيەلەيمىز!
رىبەقانىڭ لابان ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار ئىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى ئىبراھىمنىڭ غوجىدارىنىڭ يېنىغا باردى.
غوجىدار خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى تاللاپ، ئۇلارغا ھەر خىل قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى ئارتىپ، يولغا چىقتى. ئۇ ئاررام-ناھارايىم رايونىغا بېرىپ، ناخور تۇرغان شەھەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن،
ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرق تەرەپتىكىلەرنىڭ زېمىنىغا كەلدى.
دېمەك، ياقۇپ پاددان-ئاررامدىن كەنئان رايونىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلاشتى.
سەن چوقۇم يۇرتۇمغا بېرىپ، تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن بىر قىزنى ئوغلۇم ئىسھاققا ئېلىپ بېرىدىغانلىقىڭغا ۋەدە بەر، _ دېدى.
پەرۋەردىگار پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن باشلاپ چىقتى ھەم شۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنى قوغدىدى.