16 ياقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپلا: «مەن بىلمەپتىكەنمەن، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ يەردە ئىكەن!» دېدى.
پەرۋەردىگار قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى ئۇنىڭغا: _ سەن دەسسەپ تۇرغان يەر مۇقەددەس يەردۇر، شۇڭا چورۇقۇڭنى سال! _ دېدى. يوشۇۋا ئۇنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.
ئى پەرۋەردىگار، نەدە بار ئالەمدە سەندەك بىر ئىلاھ؟ كىمدە بار سەندىكىدەك ھەيۋەت، ئۇلۇغ شان-شەرەپ؟ قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كۆرسىتەلىسۇن مۆجىزە-كارامەت؟
خۇدا ئۇنىڭغا: _ يېقىن كەلمە، چورۇقلىرىڭنى سال، چۈنكى سەن تۇرۇۋاتقان بۇ يەر مۇقەددەستۇر.
خۇدا ھەر خىل ئۇسۇلدا سۆزلەيدۇ، ئەمما ئادەم بىلمەيدۇ.
ئۇ يېنىمدىن ئۆتسە كۆرەلمەيمەن، ئۇنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىنىمۇ بىلەلمەيمەن.
مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭنى مۇقەددەس دەپ بىل، پەقەت مەندىن قورققىن، پەقەت مەندىن ۋەھىمە قىل.
شەۋكەتلىكتۇر خۇدا مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا. ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار، ئۆز قوۋمىغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلار. مەدھىيەلەر ئوقۇلغاي خۇداغا!
مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار چاتقاللىقنىڭ ئىچىدىن: _ مۇسا! مۇسا! _ دەپ چاقىردى. _ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.
يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىنلاپ قالغان چاغدا، قولىدا قىلىچ تۇتقان بىر كىشىنى كۆردى. يوشۇۋا ئۇنىڭدىن: _ سەن بىز تەرەپنىڭكىمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭكىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
سۇلايمان ئويغىنىپ، بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمغا قايتىپ، ئىگىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىپ، بارلىق ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى.
نەگىمۇ بارالايمەن مۆكۈپ يۈرۈپ روھىڭدىن، نەگىمۇ كېتەلەيمەن قېچىپ چىقىپ قوينىڭدىن.
بۇ ۋاقىتتا مەن يەرەمىيا ئويغىنىپ، ئەتراپقا قارىدىم. ناھايىتى شېرىن ئۇخلىغانىدىم.
پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاراڭلاردا مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى غايىبانە ئالامەتتە زاھىر قىلىمەن ياكى چۈشىدە ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن.