11 كۈن پاتقاندا، ئۇ بىر يەرگە يېتىپ كېلىپ، شۇ يەردە قوندى. ئۇ بىر تاشنى بېشىغا قويۇپ، ئۇيقۇغا كەتتى.
بىز ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولساق، ئۇ ئارقىلىق يەنە كۆپ تەسەللىمۇ تاپىمىز.
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، - دېدى.
ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىغا قويغان ھېلىقى تاشنى خاتىرە قىلىپ تىكلىدى ۋە ئۇنى خۇداغا ئاتاپ ئۈستىگە ياغ قۇيدى.
كۈن پېتىۋاتقاندا ئىبرام قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇنى قورقۇنچلۇق بىر قاراڭغۇلۇق قاپلىدى.
بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.