10 ياقۇپ بەئەرشەبادىن ئايرىلىپ، ھارانغا قاراپ يولغا چىقتى.
ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجدادىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدىن ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ بارمىغان ۋاقىتتا، شانۇشەۋكەتلىك خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ:
مەن سېنىڭ مەندەك بىر خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە سەمىمىيىتىڭگە لايىق ئەمەسمەن. بۇرۇن مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە، قولۇمدا پەقەت بىرلا ھاسا بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى توپ كىشىنى باشلاپ قايتىۋاتىمەن.
تەراھ ئوغلى ئىبرام، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى) ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئانغا كەتمەكچى بولدى. بىراق ئۇلار خاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
ياقۇپ ئاررام رايونىغا قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ يەردە ئۇ ئۆيلىنىش ئۈچۈن بىرسىگە خىزمەتكار بولدى، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن قوي باقتى.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئاگرىپا خان بىلەن سىڭلىسى بەرنىكى فېستۇسنىڭ ۋالىيلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، قەيسەرىيىگە كەلدى.
شۇڭا ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن 75 يېشىدا خاران شەھىرىدىن يولغا چىقتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يولغا چىقتى.
ئىبرام ئايالى ساراھ، جىيەنى لۇت ۋە ئۆزلىرى خاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، كەنئان رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار كەنئان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن
ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەئەرشەباغا كۆچۈپ باردى.
ئەي ئوغلۇم، سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن: دەرھال ھاران رايونىدىكى ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكىن.
ياقۇپ بۇ قويچىلاردىن: _ بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟ _ دەپ سورىدى. _ بىز ھارانلىق، _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.
ياقۇپ پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بەئەرشەباغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاق ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى مەن بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارغىن. مەن: «بۇ زېمىننى ئەۋلادىڭلارغا بېرىمەن» دەپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ۋەدە قىلغانىدىم.
خۇدا ياقۇپقا: _ سەن ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا، بەيتەل شەھىرىدە ساڭا زاھىر بولغان خۇدا مەن بولىمەن. سەن ئەمدى بەيتەلگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاش ۋە مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسا، _ دېدى.
ياقۇپ ئۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇ يەرنى ئەل-بەيتەل [مەنىسى «بەيتەلدىكى خۇدا»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى ئۇ ئاكىسىدىن قېچىپ ھارانغا ماڭغاندا، خۇدا ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنگەنىدى.