Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 28:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئىسھاق ياقۇپنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، مۇنداق بۇيرۇدى: _ سەن كەنئانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمىگىن.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 28:1
20 Referans Kwoze  

ئوغلۇم ئىسھاقنى بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن ئۆيلەندۈرمەيدىغانلىقىڭغا پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل.


رىبەقا ئىسھاققا: _ مەن ئەساۋنىڭ خىتلاردىن ئالغان ئاشۇ ئىككى ئايالىدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇپمۇ خىتلاردىن قىز ئالسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى، _ دېدى.


خوجايىنىم ئۆزىنىڭ تاپشۇرغانلىرىغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن مېنى قەسەم قىلدۇردى. ئۇ: «سەن ئوغلۇمغا بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن خوتۇن ئېلىپ بەرمەي،


«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.


مۇسا پەيغەمبەر ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى باشان زېمىنىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى (ئۇلارنىڭ قالغان يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن). يوشۇۋا ئۇلارغىمۇ بەخت تىلەپ، ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇزىتىپ قويدى.


بۇ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا ئىسرائىللارغا بەخت تىلەپ قىلغان دۇئاسىدۇر.


بۇ سۆزلەر ياقۇپ دۇئا قىلغاندا ھەربىر ئوغلىغا لايىق ئېيتقان سۆزلەردۇر. ياقۇپنىڭ بۇ 12 ئوغلى ئىسرائىل خەلقىنىڭ 12 قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولدى.


يۈسۈپكە بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «بوۋىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق يولىدا ماڭغان خۇدا بۇ ئىككى نەۋرەمنى بەختلىك قىلغاي. مېنى بۈگۈنگىچە يېتەكلەپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي.


شۇنداق بولغاندا، بىز قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىمىز ھەم قىزلىرىڭلارنى ئالىمىز ۋە يۇرتۇڭلاردا تۇرۇپ قېلىپ، سىلەر بىلەن بىر خەلق بولىمىز.


بىز ئىككى قەبىلە قۇدا بولايلى، سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئالايلى، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى سىلەر ئېلىڭلار.


مەن ياخشى كۆرىدىغان لەززەتلىك تاماق تەييارلاپ، ماڭا يېگۈزگىن. ئاندىن مەن ساڭا ۋاپاتىمدىن ئىلگىرىكى دۇئايىمنى قىلىپ، خەيرلىك تىلەي.


سەن چوقۇم يۇرتۇمغا بېرىپ، تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن بىر قىزنى ئوغلۇم ئىسھاققا ئېلىپ بېرىدىغانلىقىڭغا ۋەدە بەر، _ دېدى.


ئەساۋ ئىنىسى ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پاددان-ئاررام رايونىغا ئۆيلىنىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىدىن ۋە ئاتىسى ئىسھاق ئۇنىڭغا دۇئا قىلغاندا، كەنئانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمەسلىكىنى تاپىلىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.


يەھۇدا ئۇ يەردە كەنئانلىق شۇئانىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى نىكاھىغا ئالدى.


توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇڭلار. ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆيلەپ، قىزلىرىڭلارنى ياتلىق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارمۇ پەرزەنتلىك بولىدۇ. ئۇ يەردە كۆپىيىڭلار، سانىڭلار ئازايمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite