46 رىبەقا ئىسھاققا: _ مەن ئەساۋنىڭ خىتلاردىن ئالغان ئاشۇ ئىككى ئايالىدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇپمۇ خىتلاردىن قىز ئالسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى، _ دېدى.
ئوغلۇم ئىسھاقنى بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن ئۆيلەندۈرمەيدىغانلىقىڭغا پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل.
ئەساۋ بۇنىڭدىن ئاتىسى ئىسھاقنىڭ كەنئانلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى.
ئى خۇدا، مېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا يوشۇرۇپ قويساڭ، غەزىپىڭ بېسىلغۇچە مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ، مەن ئۈچۈن بىر ۋاقىت بەلگىلەپ، كېيىن مېنى ئېسىڭگە ئالساڭ!
جېنىمدىن جاق تويدۇم، داۋاملىق ياشاشقا رايىم يوق. كۈنلىرىم نەپەستەك قىسقا بولسا، مېنى ئۆز ئىختىيارىمغا قوي.
ئۆزى بىر كۈنلۈك يول يۈرۈپ، چۆلگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، بىر چاتقال تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگار، يېتەر ئەمدى، تويدۇم، جېنىمنى ئال. مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق يېرىم يوق، _ دەپ خىتاب قىلدى.
سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغانىكەنسەن، ماڭا رەھىم قىلىپ، دەرھال جېنىمنى ئال، مەن بۇ جاپانى قايتا تارتماي!
لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن: _ بۇ قاپاق پېلىكى ئۈچۈن شۇنچە ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ توغرا، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولدۇم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس.
ئى پەرۋەردىگار، ئەمدى جېنىمنى ئالغىن! تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!