Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 27:43 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

43 ئەي ئوغلۇم، سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن: دەرھال ھاران رايونىدىكى ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكىن.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 27:43
14 Referans Kwoze  

ئوغلۇم، گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، دېگىنىمنى قىلغىن.


تەراھ ئوغلى ئىبرام، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى) ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئانغا كەتمەكچى بولدى. بىراق ئۇلار خاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.


ئانىسى ئۇنىڭغا: _ ئەي ئوغلۇم، لەنەت بولسا ماڭا بولسۇن! مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن. ئوغلاقلارنى ئېلىپ كەلگىن، _ دېدى.


پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك!


رېكابنىڭ ئوغلى يېھوناداب ئەۋلادلىرىغا شاراب ئىچمەسلىكنى بۇيرۇغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلغان. ئۇلار ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن تاكى بۈگۈنگىچە ھېچقانداق شاراب ئىچىپ باقمىغان. لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە كۆپ قېتىم تەكىتلىسەممۇ، سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار.


چوقۇلار جىلغىدىكى قاغىلار ياكى يەۋېتەر بۈركۈتنىڭ بالىلىرى، ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىپ، ئانىسىنى كەمسىتكۈچىنىڭ كۆزىنى.


رىبەقانىڭ لابان ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار ئىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى ئىبراھىمنىڭ غوجىدارىنىڭ يېنىغا باردى.


ياقۇپ بەئەرشەبادىن ئايرىلىپ، ھارانغا قاراپ يولغا چىقتى.


رىبەقا باشقىلاردىن ئەساۋنىڭ پىلانىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ياقۇپنى چاقىرتىپ: _ گېپىمگە قۇلاق سالغىن، ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈپ، دەردىنى چىقارماقچى.


شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ياقۇپنى پاددان-ئاررام رايونىدىكى ئارراملاردىن بولغان بېتۇئېلنىڭ ئوغلى لاباننىڭ يېنىغا يولغا سالدى. لابان رىبەقانىڭ ئاكىسى بولۇپ، رىبەقا ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسى ئىدى.


خۇدا ياقۇپقا: _ سەن ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا، بەيتەل شەھىرىدە ساڭا زاھىر بولغان خۇدا مەن بولىمەن. سەن ئەمدى بەيتەلگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاش ۋە مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسا، _ دېدى.


ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئۇلار پاددان-ئاررامدىكى ئارران دېگەن جايدا ياشايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite