42 رىبەقا باشقىلاردىن ئەساۋنىڭ پىلانىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ياقۇپنى چاقىرتىپ: _ گېپىمگە قۇلاق سالغىن، ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈپ، دەردىنى چىقارماقچى.
يامانلىق قىلىشتىن خۇشاللىنار، رەزىللىكنىڭ نىجىسلىقىدىن شادلىنار،
بەتنىيەتلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ بىر-بىرىنى، مەسلىھەتلىشەر ئۆزئارا يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى، ئويلايدۇ ئۇلار: «كىم بىلىپ قالاتتى بۇ ئىشلارنى.»
داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى ئاخىنوئام ۋە ئابىگالمۇ ئەسىر قىلىنغانىدى.
ئەساۋ ياقۇپقا قارىتا كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك پۈكتى. چۈنكى ئاتىسى ياقۇپقا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاتام ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدى. قارىلىق كۈنىنى تۈگىتىپلا، ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ ئويلىدى.
ئەي ئوغلۇم، سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن: دەرھال ھاران رايونىدىكى ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكىن.
ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئاكىسى ئەساۋنىڭ ئالدىغا ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ،
مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. مەن ئۇنىڭ مېنى، ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن.