4 مەن ياخشى كۆرىدىغان لەززەتلىك تاماق تەييارلاپ، ماڭا يېگۈزگىن. ئاندىن مەن ساڭا ۋاپاتىمدىن ئىلگىرىكى دۇئايىمنى قىلىپ، خەيرلىك تىلەي.
ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىسھاق ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلدى.
يۈسۈپ: _ مېنىڭ ئوغۇللىرىم. مەن مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن خۇدا ماڭا بەرگەن بالىلار، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىسرائىل يەنە: _ ئۇلارنى يېنىمغا ئەكەلگىن، مەن ئۇلارغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلەي، _ دېدى.
بۇ سۆزلەر ياقۇپ دۇئا قىلغاندا ھەربىر ئوغلىغا لايىق ئېيتقان سۆزلەردۇر. ياقۇپنىڭ بۇ 12 ئوغلى ئىسرائىل خەلقىنىڭ 12 قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولدى.
ئىسھاق ئۇنىڭغا: _ گۆشنى ئەكەل، ئۇنى يېگەندىن كېيىن ساڭا دۇئا قىلاي، _ دېدى. ياقۇپ گۆشنى ئەكەلدى ۋە ئۇنىڭغا شاراب تۇتتى.
ئۇ بەخت تىلەۋېتىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
شىمون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مەريەمگە مۇنداق دېدى: - مانا! بۇ بالا خۇدا تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەيىنلەندى. گەرچە ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتى بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھاقارەتلەپ رەت قىلىدۇ.
كېيىن يوشۇۋا ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۇزىتىپ قويدى. ھەممىسى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى.
يوشۇۋا يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگاردىن كالىبغا بەخت تىلىدى ۋە ھىبرون شەھىرىنى ئۇنىڭغا مۈلۈك قىلىپ بەردى.
«سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، لەززەتلىك تاماق تەييارلاپ، ماڭا يېگۈزگىن. ئاندىن مەن ساڭا ۋاپاتىمدىن ئىلگىرىكى دۇئايىمنى قىلىپ، خەيرلىك تىلەي» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
ھەممىگە قادىر خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، ئەۋلادلىرىڭنى كۆپ قىلغاي، ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ چىققاي!
ئەساۋمۇ گۆشنى لەززەتلىك پىشۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ: _ ئاتا، قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىڭ، ئاندىن ماڭا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز، _ دېدى.
ياقۇپ ئالدىغا بېرىپ ئاتىسىنى سۆيدى. ئىسھاق ياقۇپنىڭ كىيىمىدىكى پۇراقنى پۇرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىدى: «ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى خۇش پۇراق دەل پەرۋەردىگارىم بەرىكەت بەرگەن تۇپراقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن.
ئىسھاق ئۇنىڭ ياقۇپ ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىدى. چۈنكى ياقۇپنىڭ قولى ئەساۋنىڭكىگە ئوخشاش تۈكلۈك ئىدى. ئۇ ياقۇپقا دۇئا قىلىدىغان چاغدا،
ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي رىبەقا، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەنلەرنىڭ بولغايسەن ئانىسى، ئەۋلادلىرىڭ ئىگىلىگەي دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى!»
ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ: «پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ خۇدا ئىبرامنى بەختلىك قىلغاي!
رىبەقا ئىسھاقنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەساۋنىڭ ئوۋغا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،
قوي پادىسىغا بېرىپ، سېمىز ئوغلاقتىن ئىككىنى ئېلىپ كەلگىن. مەن ئۇنى ئاتاڭ ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇراي.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئوغلاقلارنى ئانىسىغا ئەكېلىپ بەردى. ئانىسى رىبەقا تاماقنى ئاتىسى ئىسھاق ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇردى.
ئاندىن لەززەتلىك تاماق بىلەن ناننى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى.
ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ مەن چوڭ ئوغلىڭىز ئەساۋ. تاپشۇرۇقىڭىزنى ئورۇنداپ بولدۇم. قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن ماڭا دۇئايىڭىزنى قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز، _ دېدى.