13 ئانىسى ئۇنىڭغا: _ ئەي ئوغلۇم، لەنەت بولسا ماڭا بولسۇن! مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن. ئوغلاقلارنى ئېلىپ كەلگىن، _ دېدى.
پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن: - ئۇنىڭ قېنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن! - دېيىشتى.
تىقوۋالىق ئايال يەنە: _ خەلق بۇ ئىشتا ئەيىبلىمەكچى بولسا، مېنى ۋە ئاتامنىڭ جەمەتىنى ئەيىبلىسۇن، سىلى ۋە سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىنى ئەيىبلىمىسۇن، _ دېدى.
ئۇ يەنە داۋۇتنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ: _ تەقسىر، گۇناھ ماڭا ئارتىلسۇن. ئاجىزەيىڭىزگە سۆزلەشكە ئىجازەت بەرگەيسىز ۋە سۆزۈمگە قۇلاق سالغايسىز.
كىچىك ئىنىمغا مەن كېپىل بولاي، پۈتۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالاي. مەن ئۇنى ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قولىڭىزغا تاپشۇرمىسام، ئۆمۈرۋايەت گۇناھكار بولۇپ ئۆتەي!
ئوغلۇم، گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، دېگىنىمنى قىلغىن.
ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ سەن ئاۋۋال مېنىڭ ئالدىمدا تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىڭگە قەسەم قىل، _ دېدى. ئەساۋ قەسەم قىلىپ، تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى ياقۇپقا ئۆتۈنۈپ بەردى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار. ئۇلار تۇغۇلۇپلا بىر-بىرىگە رەقىب بولىدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.»
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئوغلاقلارنى ئانىسىغا ئەكېلىپ بەردى. ئانىسى رىبەقا تاماقنى ئاتىسى ئىسھاق ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇردى.
ئەي ئوغلۇم، سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن: دەرھال ھاران رايونىدىكى ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكىن.
ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى قىلىشقا مەسلىھەت بەرگەچكە، ئۇمۇ ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇپ،