1 ئىسھاق قېرىپ كەتتى، كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، _ دېدى. _ مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ.
ئىسرائىل قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، كۆزى تورلىشىپ ياخشى كۆرمەيتتى. يۈسۈپ بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئىسرائىل ئۇلارنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ،
بىر كۈنى كەچتە كۆزلىرى ناھايىتى خىرەلىشىپ كەتكەن ئەلى ئۆز ئورنىدا ياتاتتى.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئايان قىلماقچى بولغانلىقىدىندۇر.
ئائىلىنى بېقىۋاتقان قول ۋەپۇتلىرىڭ تىترەيدۇ، قاۋۇل تېنىڭ ئېگىلىپ، دوك بولۇپ قالىدۇ. چىشلىرىڭ چۈشۈپ چاينىيالمايدىغان، كۆزلىرىڭ ئاجىزلاپ، ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ سەن ئاۋۋال مېنىڭ ئالدىمدا تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىڭگە قەسەم قىل، _ دېدى. ئەساۋ قەسەم قىلىپ، تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى ياقۇپقا ئۆتۈنۈپ بەردى.
مۇسا ۋاپات بولغان ۋاقتىدا 120 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخى خىرەلەشمىگەن، تېنى مادارىدىن قالمىغانىدى.
ياروبئامنىڭ ئايالى ئەنە شۇ يوسۇندا شىلوغا بېرىپ، ئاخىيانىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىيا بەك قېرىپ كەتكەچكە، كۆزلىرى غۇۋالىشىپ، ئېنىق كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى.