8 ئىسھاق ئۇ يەردە بىرمەزگىل تۇردى. بىر كۈنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراۋېتىپ، ئىسھاقنىڭ رىبەقا بىلەن قۇچاقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
ياش يىگىت يېڭى كېلىن بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغاندەك، سېنىڭ خەلقىڭمۇ يېرىڭدە ياشايدۇ. يېڭى توي قىلغان يىگىت توي قىلغان قىزىدىن قانداق خۇشال بولغان بولسا، سېنىڭ خۇدايىڭمۇ سەندىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ.
ئاشىقىم خۇددى جەرەن، كېيىكتەك، ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈيدۇ. ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ، روجەكلەردىن مارايدۇ.
ئۆيۈمنىڭ دېرىزە پەنجىرىسىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا بىر قېتىم،
سىسىرانىڭ ئانىسى دېرىزىدىن قاراپ سىرتقا، ساقلايتتى ئۇنى روجەك ئالدىدا ئىنتىزارلىقتا. نىدا قىلىپ دېدى ئۇ مۇنداق: ‹نېمىشقا قايتمايدۇ تېخىچە جەڭ ھارۋىسى؟ نېمىشقا ئاڭلانمايدۇ بۇ كەمگىچە تۇياقلارنىڭ ئاۋازى؟›
سەن بۇ بىھۇدە ھاياتىڭنى، يەنى خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى كۈنلىرىڭنى ئۆزۈڭنىڭ ياخشى كۆرگەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگىن. چۈنكى بۇ سېنىڭ بۇ دۇنيادا جاپالىق ئىشلىگىنىڭنىڭ بەدىلىگە بېرىلگەن نېسىۋىدۇر.
ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇلارغا ئايالىنى «سىڭلىم»، دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى.
ئۇ ئىسھاقنى چاقىرتىپ: _ ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇنى سىڭلىم دېدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. ئىسھاق جاۋاب بېرىپ: _ باشقىلار ئايالىمنى دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن دەپ ئويلىدىم، _ دېدى.