34 ئەساۋ قىرىق يېشىدا خىت خەلقىدىن بولغان ئىككى قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. بۇ ئىككى قىز بەئەرىنىڭ قىزى يىھۇدىت بىلەن ئېلوننىڭ قىزى باسمات ئىدى.
ئۇ كەنئانلىق قىزلارنى ئەمرىگە ئالغانىدى. بىرىنچى ئايالىنىڭ ئىسمى ئاداھ بولۇپ، خىتلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئىدى. ئىككىنچى ئايالىنىڭ ئىسمى ئوھولىباما بولۇپ، خىۋلاردىن بولغان زىبىئوننىڭ ئوغلى ئاناھنىڭ قىزى ئىدى.
شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭمۇ يات خەلقلەرنىڭ قىزلىرىنى نىكاھىغا ئېلىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈشى ۋە يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشى مۇمكىن.
رىئۇئېلنىڭ تۆت ئوغلى بولدى. ئۇلار: ناخات، زەراخ، شامماھ ۋە مىززاھ. بۇلار ئەساۋنىڭ ئايالى باسماتنىڭ نەۋرىلىرى ئىدى.
ئوھولىبامادىن يىئۇش، يالام ۋە كوراھ تۇغۇلدى. ئەساۋنىڭ بۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كەنئاندا تۇغۇلدى.
شۇڭا ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، يەنى تاغىسى ئىسمائىلنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزى ماخالاتنى ئاياللىرىنىڭ ئۈستىگە خوتۇنلۇققا ئالدى. ماخالات نىبايوتنىڭ سىڭلىسى ئىدى.
ئوغلۇم ئىسھاقنى بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن ئۆيلەندۈرمەيدىغانلىقىڭغا پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل.
ھېچكىم جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسۇن ياكى تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا ساتقان ئەساۋغا ئوخشاش، خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلمىسۇن.
مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئورۇندا ياتسۇن.
رىبەقا ئىسھاققا: _ مەن ئەساۋنىڭ خىتلاردىن ئالغان ئاشۇ ئىككى ئايالىدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇپمۇ خىتلاردىن قىز ئالسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى، _ دېدى.
ئەساۋ بۇنىڭدىن ئاتىسى ئىسھاقنىڭ كەنئانلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى.
داۋۇت ئاخىمەلەك بىلەن ئابىشايدىن: _ قايسىڭلار مەن بىلەن بىرگە سائۇلنىڭ بارگاھىغا بارىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئابىشاي: _ مەن سىز بىلەن بىرگە بارىمەن، _ دېدى. ئاخىمەلەك خىت خەلقىدىن ئىدى. ئابىشاي يوئابنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىسى زىرۇيا ئىدى.