30 ئىسھاق زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى مېھمان قىلدى.
لېكىن لۇت بەك چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇلار ئاخىر لۇتنىڭ ئۆيىگە باردى. لۇت خىزمەتكارلىرىغا پېتىر نان پىشۇرۇشنى ۋە ئۇنى تاماقلار بىلەن بىرگە مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇشنى بۇيرۇدى. تاماق تەييار بولغاندىن كېيىن ئۇلار غىزالاندى.
كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك ياشاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، پاك ياشىمىغان كىشى رەبكە يېقىنلىشالمايدۇ.
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار.
ئاندىن ئۇ تاغدا مال بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى ھەمدە قېرىنداشلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدى. تاماقتىن كېيىن ئۇلار شۇ يەردە قوندى.
بىر-بىرىڭلاردىن نارازى بولماي، مېھماندوست ئۆتۈڭلار.
ۋاقىت ئۆتۈپ، بالا ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇپ، ئەمچەكتىن ئايرىلغان كۈنى ئىبراھىم مېھمان چاقىرىپ، چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزدى.
ئۇلار سەھەر تۇرۇپ، ئۆزئارا قەسەم بېرىشىپ، كېلىشىم تۈزۈشتى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن خوشلاشتى، ئىسھاق ئۇلارنى دوستانە ئۇزىتىپ قويدى.
شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ قېيىنئاتىسى يېترو خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى ئاتىدى. ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تائاملارنى يېدى.