Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 26:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 ئۇلار جاۋابەن: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇڭا بىز بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ، ئۆزئارا كېلىشىم تۈزەيلى دېيىشتۇق.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 26:28
21 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەممە ئەللەر بىلىدىغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تونۇلىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»


پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ مال-مۈلۈكى سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. بويلىرى ئېگىز سىبالىقلار سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىدۇ. ئۇلار قوللىرىدىكى كىشەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭىدۇ. ئۇلار سىلەرگە باش ئېگىپ: ‹خۇدا سىلەرگە يار بولدى، ئۇ بىردىنبىر خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.»


پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈندىن باشلاپ سېنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆككە كۆتۈرىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار مېنىڭ مۇساغا يار بولغىنىمدەك، ساڭىمۇ يار بولغانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.


شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، پەرۋەردىگار پوتىفارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە، چارۋا ماللىرىغا ۋە تېرىقچىلىقىغا بەرىكەت ئاتا قىلدى.


ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»


ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ، قەسەم قىلىدۇ. قەسەم ئىسپات ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ.


ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرى ئاشكارىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن «خۇدا ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىكەن» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، يەرگە باش قويۇپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.


لېكىن سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرى»، «خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر. سىلەر ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر، ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىدىن خۇشال بولىسىلەر.


سېنى ئەزگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلىدۇ، سېنى كەمسىتكەنلەر سېنىڭ پۇتۇڭغا باش قويىدۇ. ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ شەھىرى _ «سىئون» دەپ ئاتايدۇ.


داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئۆزىنىڭ شاھلىق تەختىنى مۇستەھكەملىدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا يار بولۇپ، ئۇنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى.


سەن تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆيىگە بارساڭلا، ئۇلار قىزىنى بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، سەن يەنىلا قەسەمدىن خالىي بولغان بولىسەن» دېگەنىدى.


ئوغلۇم ئىسھاقنى بۇ يەردىكى كەنئانلىقلاردىن ئۆيلەندۈرمەيدىغانلىقىڭغا پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل.


ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟


سەن بىلەن بىر كېلىشىم تۈزگىنىم تۈزۈكتەك تۇرىدۇ. بۇ يەرگە تاش دۆۋىلەيلى، تاش دۆۋىسى كېلىشىمىمىزگە گۇۋاھ بولسۇن.


پوتىفار پەرۋەردىگارنىڭ يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلغانلىقىنى بايقىدى.


ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەرنى قورشاۋغا ئالدى. پۈتۈن يابېش ئاھالىسى پادىشاھ ناخاشقا: _ ئەگەر بىز بىلەن كېلىشىم تۈزسىلە، سىلىگە ئەل بولايلى، _ دېدى.


سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا يار ئىكەنلىكىنى ھەم قىزى مىكالنىڭمۇ داۋۇتقا ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلىپ،


ئەينى چاغدا ئەفرايىم، ماناسسە، شىمون قەبىلىلىرىدىن بولغان نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئاساغا يار بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيەگە كېلىپ، ئاساغا قوشۇلغان ۋە ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى. ئاسا ئۇلارنى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى بىلەن بىرگە يىغدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite