27 ئىسھاق ئۇلارغا: _ بۇرۇن سىلەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدىڭلار. ئەمدى نېمە ئۈچۈن يەنە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىڭلار؟ _ دېدى.
كېيىن ئابىمەلەك ئىسھاققا: _ زېمىنىمىزدىن چىقىپ كەت! چۈنكى سەن ھازىر بىزدىن كۈچلۈكسەن، _ دېدى.
ئەمما يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللارغا: _ مەندىن نەپرەتلەنگەن، مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغانلار سىلەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى بېشىڭلارغا كۈن چۈشۈپ، مۈشكۈلاتتا قالغىنىڭلاردا، مېنى ئىزدەپ كەپسىلەرغۇ؟ _ دېدى.
قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ.
مانا شۇ مۇسا پەيغەمبەرنى ھېلىقى يەھۇدىيلار: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغانىدى. لېكىن، مۇسا پەيغەمبەرگە خۇدانىڭ پەرىشتىسى كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكتە كۆرۈنۈپ: «ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىسەن» دەپ، ئۇنى مىسىرغا ئەۋەتتى.
قېرىندىشىنى بوزەك قىلغان كىشى مۇسا پەيغەمبەرنى ئىتتىرىۋېتىپ: ˜كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟
شۇنىڭ بىلەن، ئەجدادىمىز يۈسۈپ ئاتىسى - ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئالدىغا ئاكىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇنى پۈتۈن ئائىلە-جەمەتى بىلەن، جەمئىي يەتمىش بەش كىشىنى مىسىرغا تەكلىپ قىلدى.
كېيىن، ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئىنىسى يۈسۈپتىن ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا بارىدىغان سودىگەرلەرگە قۇل ئورۇندا سېتىۋەتتى. لېكىن، خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاچقا،
فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى ۋە چاكارلىرى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى.
ئۇلار جاۋابەن: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇڭا بىز بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ، ئۆزئارا كېلىشىم تۈزەيلى دېيىشتۇق.