20 بىراق گىرارلىق پادىچىلار بىلەن ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرى ماجىرالىشىپ: «بۇ بىزنىڭ قۇدۇقىمىز» دېيىشتى. شۇڭا ئىسھاق ئۇ قۇدۇقنى ئەسەك [مەنىسى «ماجىرا»] دەپ ئاتىدى.
ئاندىن ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەككە ئەرز قىلدى.
ئۇلارنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقىشقا باشلىدى. (بۇ چاغدا كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەر يەنىلا شۇ يەرلەردە ياشايتتى.)
ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى گىرار جىلغىسىدا بىر قۇدۇق قېزىپ، سۇ چىقاردى.
ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى يەنە بىر قۇدۇق قازدى. ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق ئۈچۈن ماجىرالاشتى. شۇڭا ئىسھاق بۇ قۇدۇقنى سىتناھ [مەنىسى «ئۆچمەنلىك»] دەپ ئاتىدى.
ئۇنىڭغا: «بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ چارۋىچى ئىدى» دەڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىپ، گوشەن رايونىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، _ دېدى. يۈسۈپنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، مىسىرلىقلار چارۋىچىلارنى پەقەت كۆزگە ئىلمايتتى.