19 ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى گىرار جىلغىسىدا بىر قۇدۇق قېزىپ، سۇ چىقاردى.
چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھەققىدە: «ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ!» دەپ يېزىلغان.
باغدىكى بۇلاقتۇرسەن سۇلىرى ساپ، ئاقىسەن لىۋان تاغلىرىدىن شارقىراپ.
ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازدۇرغانىدى. بىراق ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فىلىستىيەلىكلەر ئۇ قازدۇرغان ھەممە قۇدۇقلارنى تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق ئۇلارنى قايتا قازدۇرۇپ، ئۇلارنى يەنىلا ئاتىسى قويغان ئىسىملار بىلەن ئاتىدى.
بىراق گىرارلىق پادىچىلار بىلەن ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرى ماجىرالىشىپ: «بۇ بىزنىڭ قۇدۇقىمىز» دېيىشتى. شۇڭا ئىسھاق ئۇ قۇدۇقنى ئەسەك [مەنىسى «ماجىرا»] دەپ ئاتىدى.