17 شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، گىرار جىلغىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ، بىرمەزگىل تۇردى.
كېيىن ئابىمەلەك ئىسھاققا: _ زېمىنىمىزدىن چىقىپ كەت! چۈنكى سەن ھازىر بىزدىن كۈچلۈكسەن، _ دېدى.
ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازدۇرغانىدى. بىراق ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فىلىستىيەلىكلەر ئۇ قازدۇرغان ھەممە قۇدۇقلارنى تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق ئۇلارنى قايتا قازدۇرۇپ، ئۇلارنى يەنىلا ئاتىسى قويغان ئىسىملار بىلەن ئاتىدى.